-
2010-07-26
قوشكىزەكلەر ( 5-بۆلەك )
نەرگىزە بىلەن ئەخمەتنىڭ ئارلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ كىتىشتى . بەزىلەر ئۇلارغا ئەڭ پاك بولغان بەختلەرنى تىلەشتى ، يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشتى . لىكىن بۇلارنى ئاڭلىغان شەھىدەنىڭ ھەسەت ئوتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، نەرگىزەگە ئۆچ بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئەخمەتنى تارتىۋىلىش ئويلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن قەلبىدە ئىسيان كۆتۈرمەكتە ئىدى . ئالتۇن كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ قىش ئايلىرى يىتىپ كەلدى . بۈگۈن قىشنىڭ بىزىكى بولغان تۇنجى قار ياققان بۇلۇپ ، نەرگىزە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن كۇتۇپخانا ئالدىدىكى قارغا كۈمۈلگەن ئارچا دەرىخى يېنىدا سۇزۇلۇپ ياتاتتى . قىزلار قوللىرىغا بىر پومزەكتىن قار ئېلىۋالغان بۇلۇپ ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر گۈزەل خاتىرىنى قالدۇرۇش ئىستىكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغانىدى. نەرگىزە ئۇزۇن قوڭۇر چاچلىرىنى يانتۇ تاشلاپ ، نىپىز لەۋلىرىنى چىڭ يۇمغانچە ئاپپاراتقا تىكىلگەنىدى .‹‹چارس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزلار قاھ –قاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى . بۇ بىر توپ قىزلار خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە ئىدى . ئۇلار يەنە بىر قېتىم باشقا مەنزىرە يېنىدا چۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغىلىشتى . نەرگىزە ئالدىغا چۈشىۋالغان ھاۋارەڭ شارپىسىنى كەينىگە تاشلىغاندىن كىيىن سەپكە قېتىلدى . شۇ ئەسنادا كۇتۇپخانا ئىشىكىدىن ئەخمەت چىقىپ كەلدى. ئۇ ساۋاقداش ، دوستلىرىنىڭ رەسىمگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى –دە ، ئورنىدا توختاپ قالدى . -
2010-07-13
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 5-بۆلەك
مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاستا -ئاستا چوڭىيىشقا باشلىدى ، لوبەننىڭ بىرمۇ بالىسى بولمىغاچقا ماڭا قىلمىغانلىرى قالمايتتى . مېنى خەينەن ، شاڭخەي ، شاڭگاڭ ...ئىشقىلىپ ئىچكىرنىڭ تەرەققىي قىلغان گۈزەل شەھەرلىرنىڭ ھەممىسىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلدى . تېخى مېنى ياخشى ئۇزۇقلانسۇن دەپ پاھىشخانىدىكى دوستۇم گۈليارنىمۇ قايتۇرۇپ چىقىپ مېنىڭ تاماق ، باشقا ئىشلىرىمغا ياردەملىشىشكە ئۇرۇنلاشتۇردى . ئۆزۈمنى ئەمدىلەتىن ھەقىقىي ئەركىنلىككە چىققاندەك ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي تەمىنى ، گۈزەللىكىنى ئەمدىلەتىن ھىس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بۇلاتتىم . كىينىشلىرىممۇ ئىچكىردىكى مودا قىزلاردىن قېلىشمايتتى. قاچان قەيەرگە بارغۇم كەلسە لوبەن ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى.
ئەمىلىيەتتە بۇ بالىنىڭ ھەقىقىي دادىسى لوبەن بولماستىن رۇستەم ئىدى . لوبەننى بۇ ئىشلارنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم ، لىكىن كىيىن بىلىشىمچە ئۇ قورسىقىمدىكى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن . بىر كۈنى لوبەن بىلەن تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق، ئۇ ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ماڭا قاراپ ئېيتتى :
_ گۈلى ، سەن مەندىن نەپرەتلىنەمسەن ؟ -
2010-07-12
ئةزصز ئصمصر يانغصن بصلةن سۆھبةت
نةزةر : ئةسسصلامۇ ئةلةيكۇم ، يانغصن ئةپةندصم ، سصز ھازصر تور دۇنياسصدا كۆزگة كۈرۈنگةن ، ئةسةرلصرصڭصز نۇرغۇن تورداشلارنصڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشصغا ھةم ئاڭلصشصغا ئېرصشكةن يازغۇچص . ئالدص بصلةن سۆھبةتنص باشلاشتصن بۇرۇن ئۆزصڭصز ھةم ئةدةبصي ئصجادصيةتكة قانداق قةدةم باسقانلصقصڭصز توغۇرلۇق سۆزلةپ بةرسصڭصز بۇلامدۇ ؟يانغصن : ۋةئةلةيكۇم ئةسسصلام ،ئةلۋةتتة بۇلصدۇ .
مةن ئاقسۇ ئاۋات ناھصيسصدة تۇغۇلغان .باشلانغۇچ مةكتةپتة ئوقۇۋاتقان مةزگصلصمدصلا كصتاب ئوقۇشقا بةك قصزصقاتتصم. ئۇ ۋاقصتلاردا چۆچةك كصتابلارنص ئوقۇشنص ياخشص كۆرةتتصم ، بصرةر چۆچةك كصتابلارنص تېپصۋالسام قۇلۇمدصن چۈشۈرمةي ئوقۇپ كصتةتتصم . ئۆيدصكصلةرمۇ كصتاب ئوقۇشۇمنص بةك قوللايتتص ،ئاپام دائصم ماڭا رةسصملصك چۆچةك كصتابلارنص ئېلصپ بصرةتتص . كصيصن قصسقا ھةجصمدصكص ھصكايصلارنص ئوقۇيدصغان بولدۇم ، ئصشقصلصپ كصتاب ئوقۇشنص بةك ياخشص كۆرةتتصم . -
2010-06-29
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز (2) 4-بۆلەك
ئايگۈل گىپىمنى ئاڭلاپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى ، شەھلا كۆزلىرىنى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تىكتى . مەن ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىغا چىداپ بۇلالماي كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچقاچ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدىم .
_ ئەسلىدە ئاخشام ئويلىنىپ ئۇ ئىشلارنى سىزگە دىمەي دىگەن ئىدىم . لىكىن سىز ئاڭلاشنى خالىسىڭىز مەن يەنىلا سىزگە سۆزلەپ بىرەي ،_ ئۇ شۇنداق دىگەچ قۇلۇمدىكى چاقماقنى ئېلىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى ھەم ئېغىر بىر خۇرسىنۋاتقاندىن كىيىن سۆزلىرىنى باشلىدى :
_ شۇنداق قىلىپ ئەتىسى پاھىشخانىدا چوڭ يىغىن ئېچىپ لى ئۆزىنىڭ مىنى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى ، بۇگەپتىن ھەممەيلەن ھاڭ -تاڭ بۇلۇپ قېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خۇتۇنى باشتا ئىپادە بىلدۈرمىدى ، مەن ئەسلى ئۇنى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ مەن بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىر ئېغىز گۈلىنى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالدىم دىگەن گىپى بىلەن مەن ئۇنىڭ كىچىك خۇتۇنى بۇلۇپ قالدىم . توي مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى ، پەقەت كەچتە پاھىشخانىنى بىر كۈن تاقاپ بارلىق قىزلار بىلەن ھاراق ئىچىشىپ تەبرىكلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق . شۇ ۋاقىتتا ئۆز -ئۆزەمدىن قانچىلىك نەپرەتلەنگەنلىكىمنى ، ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا مۇناسىپ ئىش قىلمىغانلىقىمغا ئېچىنغانلىقىمنى سىز ھەم باشقىلار ھىس قىلالمايدۇ . -
2010-06-13
مۇھةببةت قاتصلص (4- بۆلةك )
مۇھەببەت ئاخىرى جۈرئەتكە كىلىپ ،زۇلفىرە ئارقىلىق مۇھەببەت قىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى،مۇھەببەت قىز نەچچە ئاي ئىچىدىلا خېلى بەك ياداپ قالغان بۇلۇپ،بۇلاقتەك كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى،بۇرۇنقى ياسىنىپ يۈرۈشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
-ھازىر نىمە دىيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن،بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى ،كەچتە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز ،بىز پاراڭلىشايلى،بۇلامدۇ،-مۇھەببەت مۇھەببەت قىزغا يىلىنىش نەزىرى بىلەن قارىدى.
-پاراڭلىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟،-مۇھەببەت قىز ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن مۇھەببەتكە قارىدى.
-ئۇنداق دىمەڭ،سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم بار ،كەچتە سوراپ چىقىپ ماڭا تىلىفۇن قىلىڭ،كەچلىك تاماقنى بىرگە يەپ ،ئاندىن پاراڭلىشىپ كىلەيلى.
مۇھەببەت قىز چىقىپ كەتتى،چىقىپ كەتتىلا ئەمەس مۇھەببەتكە باشقا گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى،بۇنىڭدىن مۇھەببەتنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.
-ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك قىلغىنىغا مىنىڭ يۈرىكىم يېغلاۋاتقان يەردە،نەچچە ئايدىن بىرى ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلەم ئۇنى قانچىلىك يېغلاتقاندۇ؟ -
2010-06-13
مۇھةببةت قاتصلص (3- بۆلةك )
*** *** **** ****
قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ،كىشىلەرگە يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتەئىدى، ئاپئاق قار زىمىن يۈزىگە لەپىلدىمەكتە ،كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىن غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋازلار توختىماي ئاڭلىناتتى،مۇھەببەت ئەتىگەنلىك دەرسىنى ئۈتىۋېتىپ ،ئونۋىرسىت دەرۋازىسىدىن چىقىشى،ئۇنىڭ كەينىدىن بىرى چاقىردى.
-مۇھەببەت مۇئەللىم ،توختاپ تۇرىڭە.
مۇھەببەت كەينىگە بۇرۇلدى،ئۇنى چاقىرغىنى زۇلفىرە بۇلۇپ تۇرقىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .
-بۇ خەتنى مۇھەببەت قىز سىزگە بىرىشىمنى ئېيتقان ،-زۇلفىرە يېنىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ مۇھەببەتكە ئۇزاتتى،-بىزگە يەنە دەرس بار ئىدى مەن كىرىپ كىتەي،-زۇلفىرە خەتنى بىرىپلا يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى.
مۇھەببەت خەتنى يانچۇقىغا سېلىپ ،ئۈيىگە ماڭدى. -
2010-05-30
رەنجىمە
كۆيگىنىمنى بىلسە جانان دەپ ،
ئەتراپىڭدىن كەتمىدىم يىراق .
بىشارەتمۇ بەردىم كۆپ قېتىم ،
چۈشەنمىدىڭ قەلبىمنى بىراق .
شۇ يۇسۇندا ئۆتتى نەچچە يىل ،
مېنى ۋەيران قىلدى شۇ پىراق .
كۆيەلمىگەچ سەنمۇ مېنىڭدەك ،
ئاخىر كەتتىم يېنىڭدىن يىراق .
-
2010-05-25
قوشكىزەكلەر (4)
جانغا ئارامبەخش ئىتىدىغان كۈز ئايلىرى ...بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى تۇلىمۇ ياخشى بۇلۇپ ساياھەت قىلىشقا تۇلىمۇ ماس كىلەتتى .
مەكتەپتە ئۈچ كۈنلۈك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈن ئارام ئېلىۋالاتتى.
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە بۇ كۈندىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرلىك جايغا ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلاشقانىدى .
ئۇلار ئەتىگەن سەھەردىلا يولغا چىقىشتى . گۈزەل مەنزىرلەر ھەر ئىككەيلەننىڭ بۇ خۇشال كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قانداقتۇر ھاياجانغا سالماقتا ئىدى .
ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ مېڭىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە قانداق يىتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قېلىشتى .
يېشىل يۇپۇرماقلارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەر ، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن خۇشپۇراق گۈللەر ... ئۇلارنىڭ زوقىنى قوزغاپ ، ھاياجانلىق كۆڭلىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى . شارقىراتمىدىن پەسكە ئېقىپ چۈشىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرغان ئاۋازى گويا يېقىملىق ناخشىدەك تەسرات بىلەن ئەتراپقا چېچىلاتتى . سۈزۈك سۇ دولقۇنلىرى ، چىملار قاپلاپ كەتكەن قىرغاققا نازۇك ،ئاجىز ھەركىتى بىلەن ئۇرۇلاتتى . -
2010-05-14
قوشكىزەكلەر ( 3-بۆلەك )
تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن قۇربان ھېيتىمۇ يىتىپ كەلدى . مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىشىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەنىدى . يىغىلىش ناھايىتى شوخ كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى . تانسا _ ئۇسۇل ئوينايدىغانلار ئۆچىرەتتە ، ناخشىغا ھېرىسمەنلەر ئۆزىنىڭ شوخ ناخشىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرمەكتە ئىدى . ئارىدىن رىياسەتچى ئەخمەتنى بىر ناخشا ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى . ئەخمەتنىڭ چالغان گىتتار گىتتارلىرى بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭغا مەھلىيا بولماي قالمايتتى . ئۇندىن باشقا ئوت چاقناپ تۇرغان تۇرىدىغان يوغان كۆزلىرى .قۇشۇما قاشلىرى كىشىنىڭ دىقىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى . سۇرۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى ، بىر نەچچە جۈپلەر مۇڭغا چۆككەن ھالدا تانسا ئوينىماقتا ئىدى . شۇتاپتا نەرگىزەمۇ ئەخمەتكە تېخىمۇ قايىل بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مەپتۇنلارچە قاراپ قالغانىدى .
__ دەرسكىلا يامانمىكىن دىسەك ، گىتتارنىمۇ پەيزى چېلىپ قۇيىدىكەن ھە ! __دېدى شەھىدە يېنىدىكى قىزغا قاراپ . -
2010-05-13
ئىلتىجا
يۇپۇرماقلار پىچىرلىماڭلار ،
پىچىرلاشتىن بۇلىمەن بىزار .
ئەسكە سېلىپ قۇتلۇق كۈنلەرنى ،
يۈرىكىمنى تىلماڭلار بىكار .ئارامىمنى بۇزماڭلار بۈگۈن ،
يۈرىكىمدە ھېسلار ئويغىتىپ .
پىچىرلاشنى قۇيۇڭلار ئەمدى ،
چۈنكى ، ئۇنى كەتكەنمەن ئۇنتۇپ ... -
2010-05-09
قوشكىزەكلەر (2-بۆلەك )
ئەتىسى كەچتە ئادىلە ئۆيگە بالدۇر قايتىپ كىلىپ بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى . بىر چاغدا ئۆيدىكى تاراق -تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى . دادىسى مەست ھالدا قايتىپ كەلگەنىدى . ئۇ دادىسىنىڭ مەست ھالىتىدىن بەك قورقۇيتتى ، شۇڭا ئۇ تېزلا ئويغىنىپ دادىسىنڭ ئالدىدا بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
__ قېنى ئەتكەن تامىقىڭ ؟__ ۋارقىرىدى دادىسى .
_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدىم .
_ نىمىشقا ؟
_ ئۆيدە سەيلەر قالماپتىكەن ...
_ ئۇنداقتا ماڭ يۈگۈر ، بازاردىن ئەكەل .
_ يېنىمدا پۇل يوق ... _ ئادىلە قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى .
_ بۈگۈن تاپقان پۇلچۇ ؟
_ بۈگۈن سودا قىلالمىدىم .
_ يالغان ! ماڭا تولا يالغان ئېيتما !
_ راست دادا ، بۈگۈن بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ سودا قىلالمىدىم ..
_ ماڭا تولا يالغان سۆزلىمەي ، تاپقان پۇلنى تېز چىقار !!! _ دادىسى بارغىنىچە ئادىلەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەشكە باشلىدى . .ئادىلە ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى . -
2010-05-09
بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !
ئانىلار دۇنيانىڭ زىننىتى، كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىلىرى، ئەۋلادلار ئەقىللىق، كۆيۈمچان، مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئانىلارنىڭ ساپاسى، ئانىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسى نۇرغۇنلىغان تارىخى جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك پەن تېخنىكا دۇنياسىغا قەدەم قويدى. بۇ جەريان دەل ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش جەريانىدۇر. يەنى ماددىۋىي يۈكسەكلىك بىلەن مەنىۋى يۈكسەكلىكنى تەڭ قوغلىشىۋاتقان بىر جەريان. لېكىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى مەنىۋى يۈكسەكلىك ماددىۋىي يۈكسەكلىكنى بېسىپ چۈشكەن جەمئىيەت ناھايىتىمۇ گۈزەل بولغان، مېھرى مۇھەببەتكە تولغان بىر جەمئىيەت. ئەكسىچە بولغىنى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان جەمئىيەت. ئانىلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھرى مۇھەببىتى، سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بىز ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، بىز كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەنىۋى يۈكسەكلىكنىڭ تارقاتقۇچىسى دەل ئانىلاردۇر.
-
2010-05-09
ھىدايەتنامە
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ، -
2010-05-09
سۇمبۇل چاچ
ھۆر پەرىدەك جىلۋە ئەيلەپ باقتىڭ ماڭا ، سۇمبۇل چاچ ،
ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم مەن كۆيدۈم ساڭا ، سۇمبۇل چاچ .
يەتتە ئىقلىم بازارىدا يوقتۇر سەندەك نازىنىن ،
شېرىن سۆزلۈك ، ئاي يۈزلۈكۈم ئەي دىلرەبا سۇمبۇل چاچ .
ئەۋرىشىمدەك بويلىرىڭغا خويمۇ ياراشقان كۆڭلىكىڭ ،
لىپ -لىپ قىلىپ كىرپىكىڭدە ئاتتىڭ ئوقيا ، سۇمبۇل چاچ .
كىيىپ گۈلگۈن چىمەن دوپپا ئوينىساڭ نەپىس ئۇسسۇل ،
جان قويغۇدەك يەر تاپالماي قالدىم ئاڭا ،سۇمبۇل چاچ . -
2010-05-08
يىڭى پوۋىست : قوشكىزەكلەر
*** **** ******
__ئوغرى ! ئوغرىنى تۇتۇڭلار ! ئوغرى !
پىيادىلەر كوچىسىدا ئۇيان –بۇيان ئۈتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن بىرى تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى . بىر خەنزۇ قىزچاق ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە قاراپ :
__ۋاي ، مىنىڭ پورتمىنىم ،-دەپ نالە قىلىپ كەتتى . بۇ چاغدا داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان كىشىلەر جىددىيلىشىپ دەرھال يانچۇقلىرىنى تۇتۇشتى. پورتمىنىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان ھېلىقى قىزمۇ شۇ تاپتا خۇددى بىر توپ ئوغرىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئەتراپىدا تۇرغان ھەربىر ئادەمگە گۇمان بىلەن قارايتتى . نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ ، خۇددى ئوغرىنىڭ ئىچى ئاغرىپ پورتمىنىنى قايتۇرۇپ بىرىدىغاندەك ئەتراپىغا تەلمۈرەتتى .
- پورتمىنىڭىزدا قانچە پۇل بار ئىدى ؟ - دەپ سورىدى ئارىدىن بىر ياش ئۇيغۇر كىشى قىزغا ئىچى ئاغرىتىپ .
- ئىككى يۈز يۈەن ، يەنە بانكا كارتىسى ، سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتىسىدا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان بەش مىڭ يۈەن پۇل بار ئىدى ... ـ ئۇنىڭ ئۈنى بارغانسىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى .





















